مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 363 بەتلىك مەزكۇر دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيىچىلىرىدىن بىرى بولغان پروفېسسور فىلپ كاربېرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھازىرلانغان بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇن مەخپىي ماتېرىيال، سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەر، گۇگۇل يەر شارى تەمىنلىگەن خەرىتە، ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرى، ھۆججەتلىك فىلىم سۈرەتلىرى، ھەربىي ژۇرنال، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇن مەخپىي ھۆججەتلىرىدىن پايدىلانغان.
ئانالىزچىلار ئىلگىرى خىتاينىڭ 80 دىن 400 گىچە يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ كەلگەن ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلار پروفېسسور فىلپ كاربېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەنە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى 2-ئىستراتېگىيىلىك توپچى قىسىملىرى تەرىپىدىن ياسالغان 5 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستى يادرو قوللار تونۇلىغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ ئانالىز قىلغان.
گەرچە مەزكۇر دوكلات قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى كونترول قىلىش ساھەسىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن گۇمانلىق، دەپ قارالغان بولسىمۇ، بىراق ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئىستراتېگىيىلىك 2-توپچى قىسىملىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ۋە خىتاي ھەربىي خادىملىرىلا ئېرىشىشكە بولىدىغان 400 بەتلىك ھەربىي قوللانمىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان.