خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر دىئالوگدا ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىبەت ۋە خىتايدىكى مۇقىمسىزلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمى " ئەلۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ" دېگەن.
مەزكۇر دىئالوگ سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوش دەۋرىدە 2006 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىدىكى نامۇۋاپىق تەرەپلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
2006 - يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگى 27، 28 - ئىيۇل كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەمما بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ياكى قويۇلمايدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.