باياناتتا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ يېقىندىن بۇيان دىننىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ھەققىدە ئىجابىي بايانلاردا بولۇشىغا قارىماي، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقىنى، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ناھايىتى ئېغىرلىقىنى، بۇ رايونلاردا 2008 - ۋە 2009 - يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن دىنىي جامائەتلەرگە قارىتىلغان كونتروللۇق كۈچىيىپ، دىنىي ئەربابلار ۋە ھۆكۈمەتكە بويۇنتاۋلىق قىلغۇچى دەپ قارالغان شەخسلەرنىڭ قولغا ئېلىنغان ھەم تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر بايانات ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ شەنبە كۈنى خىتاينى قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت ئىشلار كومىسسارى دەي بىڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىمىلىك ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېئونارد لېئونىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، " بىز كلىنتون خانىمنى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكتىكى يېتەكچىلىك رولىنى ئېنىق ئىپادىلەشكە چاقىرىمىز " دېگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كلىنتون شەنبە كۈنى خىتايدا يەنە بېيجىڭ تەرەپ بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر يىلى 1 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئامېرىكا زىيارىتىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدا كومىتېت رەئىسى لېئونارد لېئو يەنە ئەسكەرتىپ، " خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بېرىش سانى ۋە كۆلىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خىتاي ئۇنىۋېرسال ئەركىنلىكنى سۈيىئىستىمال قىلىش، جۈملىدىن مىليونلىغان تىنچلىقپەرۋەر دىندارلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرسا، بۇ قوشنىلار ئارىسىدا ئىشەنچسىزلىكنى قوزغاپ، ئۇنىڭ خەلقئارا ئوبرازى ۋە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە دەخلى يەتكۈزۈدۇ . شۇڭا خىتاي دۇنياۋى مەسىلىلەرگە رېئالىستىك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن.