بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارماقچى بولغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس، ھازىر ئوتتۇرا شەرق كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنىنى ئەۋەتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن فرەنك ۋولف قاتارلىق 8 ئەرباب تۈنۈگۈن نېگروپونتى ئەپەندىگە خەت ئەۋەتىپ، خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تاپىلىغان ئىدى.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى 'دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان' دېگەن نام بىلەن باستۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېگروپونتىنىڭ تەكلىپىگە قۇلاق سالماسلىقى مۇمكىن.