ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا چاقىردى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەنبە كۈنى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا چاقىردى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.12.10

باش ئەلچى گەري لۇ «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن كۆپ كەينىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا 2010 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ ھېلىھەم تۈرمىدە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئايالى ليۇشانىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ: تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى چەكلەنمەكتە، بۇ خىل ئەھۋاللار خىتاينى يەتمەكچى بۇلغان نىشانلىرىغا يەتكۈزمەيدۇ، دېدى.

گەري لۇ بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.