باش ئەلچى گەري لۇ «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن كۆپ كەينىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ باياناتىدا 2010 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ ھېلىھەم تۈرمىدە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئايالى ليۇشانىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ: تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى چەكلەنمەكتە، بۇ خىل ئەھۋاللار خىتاينى يەتمەكچى بۇلغان نىشانلىرىغا يەتكۈزمەيدۇ، دېدى.
گەري لۇ بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى.