"جورج ۋاشىنگتون" نامىدىكى ئاۋىئاماتكا پەيشەنبە كۈنى بىر قانچە كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن خوڭكوڭ دېڭىز پورتىغا كېلىپ توختىغان ئىدى. كەۋىن دونېگان جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ "مىسلىسىز سۈرئەت" بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى رايوندا ساراسىم پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى يەنە 15% كۆپەيتىپ، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىدە خىتاينىڭ كېلەچەكتىكى مەقسىتىگە نىسبەتەن چوڭقۇر شۈبھە پەيدا قىلغان ئىدى.
كەۋىن دونېگان خوڭكوڭدا مۇنداق دېگەن": بىز ھەربىي كۈچنىڭ بۇ سۈرئەت بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئاپ - ئاشكارىلىقى ۋە بۇ كۈچنىڭ نېمە مەقسەتكە ئىشلىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە قىزىقىمىز."
دونېگان بۇ سۆزلەرنى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇي سەيخۇ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، ئەمدىلا دۆلىتىگە قايتقان مەزگىلدە تەكىتلىگەن.
خىتاي يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ھەربىي خام چوتىنى ھەر يىلى 10 نەچچە پىرسەنتتىىن كۆپەيتىپ كەلدى. خىتاينىڭ بۇ يىلقى ئاشكارا ئېلان قىلغان ھەربىي خام چوتى 71 مىليارد دوللار بولۇپ، ۋاشىنگتوندىكى ئانالىزچىلار بۇ سان خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ پەقەت بىر قىسمىدىن ئىبارەت، دەپ قارىماقتا ئىدى.