ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينى ئىرانغا ياردەم بەرمەسلىككە چاقىردى

ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينى ئىراننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنولوگىيىسى تەرەققىياتىغا ياردەم بەرمەسلىككە چاقىردى. "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىرانغا قويۇلغان ئېمبارگو نىزاملىرىغا خىلاپ ھالدا، ئىرانغا مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىراننىڭ يادرو قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، نام - شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت خادىمى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىران ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى روبېرت ئېنھورنىڭ ئىرانغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەت ۋە بانكىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى خىتايغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى خادىمى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىشى غەرب ئەللىرى ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل ئىيۇندا ئىرانغا قارىشى يەنە ئېمبارگو قويغان ئىدى.