ئامېرىكا دۆلەتلىك خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ 2009 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ بىر يىل جەريانىدىكى كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن ھەم باشقا ساھەلەرگە مەنسۇپ كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلىرى كۆزىتىلگەن بولۇپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2009.10.18

مەزكۇر كومىتېت ھەر يىلى ئۆزىنىڭ دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق تەرەپ شۇكى، 2008 - يىللىق ۋە 2009 - يىللىق دوكلاتتا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت بۆلەك ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد، قوش تىل مائارىپى، ئەمگەكچىلەر مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى يورۇتۇلغان.

2009 - يىللىق دوكلاتنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت قىسىمى 30 بەتلەر ئەتراپىدا بولۇپ، يۇقىرى قەيت قىلىنغان تۈرلۈك مەسىلىلەردىن باشقا يەنە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى شۇنىڭدەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مەلۇماتلار كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 9، كېڭەش پالاتاسىنىڭ 9 نەپەر ئەزاسىدىن شۇنىڭدەك يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بەش نەپەر ئەمەلدارىدىن تەركىپ تاپقان ئورۇندۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.