لوس ئانجېلىستا ياپونچە چىقىدىغان «رافۇ شىنپو» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا 1882 - يىلى خىتايلارنى چەتكە قاقىدىغان بىر قانۇن ماقۇللىنىپ، ئۇنىڭدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كېلىشىنى چەكلەش، كېلىپ بولغانلارنى پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلماسلىق دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن 1943 - يىلى ئاغدۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا، ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن خىتايلارنى چەتكە قېقىش دېلولىرى ئۈچۈن ناماقۇل بولۇش ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم قارار ماقۇللىنىپ بولدى. ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ تارىختا يۈز بەرگەن خاتالىقلارغا ناماقۇل بولۇش ھەققىدە قارار ماقۇللىشى، ئۇنىڭدىكى ئادالەت ۋە ئەخلاقنى ئىپادىلەيدۇ.