خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تور بېكىتىدە جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا كوندالىزا رايىسنىڭ 7 - ۋە 8 - يانۋار كۈنلىرىدە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەگەر رايىسنىڭ زىيارىتى ئەمەلىيلەشسە، بۇ رايىسنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ئەڭ ئاخىرقى زىيارىتى بولۇپ قالىدۇ.
رايىسنىڭ زىيارىتى خىتاي بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋلار ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى قۇتلۇقلىغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇنداق دېگەن": ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس 7 - ۋە 8 - يانۋار كۈنلىرىدە جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ."
كاندىلىزا رايىس يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن زىيارەتنىڭ قايسى كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان ئىدى. ئۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە "بىز يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز" دېگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا رايىس بىلەن ياڭ جېچىنىڭ "ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن، لېكىن سۆھبەت مەزمۇنىغا دائىر تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالمىغان.