ئامېرىكا خىتايدىن كېلىدىغان پولات چاقلارغا جازا بېجى قويۇش چارىسىنى ماقۇللىدى

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات چاقلارغا ئېغىر جازا بېجى قويۇش چارىسىنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكىغا سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسىنى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن قىلىپ، باشقا بازا رىقابىتىدە ئادالەتسىز مۇھىت ياراتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى ھياز لەممېرز خەلقئارالىق چەكلىك شىركىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان پولات چاقلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ياردىمى تۈپەيلى باھاسى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەرزان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا سودا دائىرىلىرىگە ئەرز سۇنغان ۋە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

بۈگۈن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن كېلىدىغان پولات چاقلارنىڭ نورمال بازار نەرخىدىن 44.96 پىرسەنتتىن 193.45 پىرسەنتكىچە ئەرزان سېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىنىستىرلىق يەنە، خىتايدىن ئامېرىكىغا پولات چاق ئېكسپورت قىلىدىغان شىركەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات تەننەرخىنىڭ 25 تىن 38 پىرسەنتكىچە قىسمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئالغان قارارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدە يەنە جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.