ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خىتايغا خەلق پۇلى مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى تىموتىي گېيتېنېر "خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا، پەرق ئىنتايىن كىچىك" دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 16 - سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، "بىز خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا خىتاي خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆزگەرمەي تۇرۇۋېرىشىدىن ئەنسىرىمەكتىمىز" دېگەن ۋە خەلقئارادىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېيتېنېر بۇ يىل 11 - ئايدا جەنۇبىي كورىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 20 دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ خىتايغا خەلق پۇلى قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6 - ئايدا خىتاي دائىرىلىرى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاستا - ئاستا تەڭشەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، ئەمما ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا خەلق پۇلى قىممىتىنى مۇقىم تۇتۇشنى قايتا تەكىتلىگەن ئىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىملىق پوزىتسىيىسى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر قاتتىق بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ خەلق پۇلى مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ سۆزىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، "خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش مەسىلىنى ھەل قىلىش تۈگۈل، تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ"، دېدى.