ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىم گېيتنېر خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىم گېيتنېر تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ خىتاي سەپىرىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى باھالانماقتا.

گېيتنېر يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قاتارلىق خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرماقچى.

گېيتنېرنىڭ بۇ سەپىرىدە خىتاي تەرەپكە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى بۇش ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىق ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىدىن سىگنال بېرىش شۇنىڭدەك خىتاي تەرەپ بىلەن قانداق قىلغاندا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرىلىتىشنى مۇزاكىرە قىلىش مۇددىئا قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

تەھلىلچىلەر يەنە، تىم گېيتنېرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىپ، بېيجىڭنى ئامېرىكىنىڭ زايوملىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشقا ۋە يۇمشاق چارىلار بىلەن خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ئىلھاملاندۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

گېيتنېر، بېيجىڭنى خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە تەشكىلاتىنىڭ تەركىبىدە تۇرۇپ، ئۆز رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا ئۈندىگەن.