بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلوسى خانىم بۇ قېتىم خىتايدا ئېچىلىدىغان ئامېرىكا - خىتاي ھاۋا كىلىماتى ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنغا قاتنىشىدۇ. پەلوسى خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدە ھەمدە ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
شاڭخەي شەھىرى نەنسى پېلوسى خانىم يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسلىقى پائالىيىتى يەنى خىتاي تەرەپ بىلەن ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇشقا ئائىت سۆھبىتى بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېلوسى خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە خىتاي رەھبەرلىرىگە ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن بولۇپ، ئەسلىدىن تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيىسىنى قوللاپ كەلگەن ۋە 1989 - يىلىئەدىكى تىئانانمەن ۋەقەسىدە قىرغىن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە ئەيىبلىگەن پەلوسى خانىمنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى تىئانانمەن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سەپىرى ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.
پېلوسى خانىم ھەتتا ئۆتكەن يىلى تىبەتلەرنىڭ لاسادىكى نامايىشى باستۇرۇلغاندا، ھىندىستاننىڭ شىمالدىكى تىبەتلەر مەركىزى دارىمسالاگغا بېرىپ، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندە ھەمدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئەمما، ئۇ بۇ قېتىم تىبەت، ئۇيغۇر ۋە فالۇنگوڭچىلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكىتلەمدۇ يوق، تېخى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.