بۇ نۆۋەتلىك لوندون ئولىمپىكى يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى شەنبە كۇنى ئەتىگەنگىچە جەمئىي 95 مېدال ئالدى. خىتاي بولسا جەمئىي 82 مېدال ئالغان بولۇپ ئامېرىكىدىن 13 مېدال ئارقىدا.
«يەرشارى مەكتۇپلىرى» گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق تەنھەرىكەتچىسى ۋە ئولىمپىك ئانالىزچىسى بىل ماللون يەكشەنبە كۈنى مۇسابىقە ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا يەنە 15 مېدال ئالالايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، ئومۇمىي مېدال سانى جەھەتتە خىتاي ئىككىنچى رۇسىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ مۇسابىقىنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنى نۇرغۇن قانلىق بەدەللەر بىلەن تەربىيىلەپ چىقىدىغانلىقى كۆپلىگەن كۆزەتكۈچى ۋە ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
ھەتتا بەزى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ ئولىمپىك كوماندىسىنى «خىتاينىڭ ئولىمپىك ماشىنىسى» دەپ ئاتالغان ئىدى.