ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئامېرىكا سودا مىنىستىرىنى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.02.26
2010.02.26
كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ خېتىدە، "خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا ئارىلىشىپ ۋە خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى كۆرۈنەرلىك چۈشۈرۈپ، خىتاي ئېكسپورت تاۋارلىرىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىدا شۈبھە يوقتۇر" دەپ تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى 40% چۈشۈرۈپ، سودىدا ئادالەتسىز رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىۋاتىدۇ.
پرېزىدېنت ئوباما 2008 - يىلى سايلام جەريانىدا خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ، سودىدا ئادالەتسىز پايدا تېپىش بىلەن ئەيىبلىگەن. لېكىن ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت سورىغاندىن كېيىن خىتاينى پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىككى قېتىم رەت قىلدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بولسا، ئامېرىكا - خىتاي سودىسىدىكى ئامېرىكىنىڭ پاسسىپ بالانسىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا تەدبىر قوللانسا بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ لۇ جياخۇيغا يازغان خېتىدە يەنە، ئامېرىكا سودا قانۇنىغا ئاساسەن، خىتاينىڭ خەلق پۇلى سىياسىتىنى ئېكسپورت تاۋارلىرىغا قوشۇمچە ياردەم بەرگەنلىك دەپ تونۇشنى تەلەپ قىلغان.