ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتاينىڭ قۇياش ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان باج تۈرىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، باراك ئوباما ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ قۇياش ئېنىرگىيە تاختىلىرىغا قويۇلىدىغان باجنىڭ تۈرلىرىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار خېتىدە، يېقىندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چىقىرىلغان، ئىمپورت قىلىنغان باتارىيە ئىشلىتىلگەن قۇياش ئېنىرگىيە تاختىلىرىغا باجنى 30 پىرسەنت تۆۋەنلىتىش قارارىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ خىتايدىكى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان شېركەتلەرنىڭ ئۆزى قۇراشتۇرغان باتارىيىلەرنى چەتئەلدىن كىرگۈزگەن دەپ كۆرسىتىشگە ۋە بۇ ئارقىلىق باجدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 10 - ئايدا قۇياش ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى يېڭى باج سىياسىتىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىلىق قۇياش ئېنىرگىيە شېركەتلىرى يېڭى باج سىياسىتىدە ئۆزلىرىنى خىتاينىڭ ئادالەتسىز رىقابىتىدىن قوغدايدىغان قارارلارنىڭ ئېلىنىشىنى كۈتمەكتە. ئۇلار ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىل تىجارەت ئۇسۇللىرىغا خىلاپ ھالدا قۇياش ئېنىرگىيە شىركەتلىرىگە مالىيە ياردىمى بېرىش ئارقىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئېكسپورتنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقئارا قۇياش ئېنىرگىيە بازىرىدىكى باھانى قالايمىقان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر مەسىلىگە سەل قارىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى ئامېرىكىلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىردى.