شىمالىي كورىيىگە مەزكۇر خەتنى ئېلىپ كىرگۈچى ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شتاتىدا ياشايدىغان كۇرىيان ئامېرىكىلىق روبېرت پارك بولۇپ، ئۇ خىتاي چېگرىسى ئارقىلىق تۇمان دەرياسىدىن ئۆتۈپ شىمالىي كورىيىگە كىرگەن.
ھالبۇكى مىسسيونېر روبېرت پاركنىڭ شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا شىمالىي كورىيىگە قانۇنسىز كىرىش جىنايىتىگە 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، شىمالىي كورىيە ئەگمەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا قامىلىدىكەن.
بۇ يىل يازدا، 2 نەپەر ئامېرىكا مۇخبىرىمۇ شىمالىي كورىيىگە قانۇنسىز كىرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. كېيىن سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون شەخسەن ئۆزى شىمالىي كورىيە بېرىپ، بۇ ئىككى نەپەر ئامېرىكىغا پۇقراسىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئىدى.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچى خانىسى روبېرتنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شىمالىي كورىيە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازىسى بېرىدىغان مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شىمالىي كورىيە خىتاينىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولۇپ، شىمالىي كورىيىدىمۇ پىكىر، ئاخبارات ۋە دىنىي ئېيتقان ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەنگەن.