ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلىرىدە ئىمبارگو قويۇلغان كارخانىلارنىڭ ئىران، شىمالىي كورىيە ياكى سۈرىيىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا ياردەمدە بولىدىغان ماتېرىياللار ۋە تېخنىكا ئېكسپورت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىمبارگو قويۇلغان خىتاي كارخانىلار يېڭى دەۋر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، خىتاي پاراخوت ۋە دېڭىزچىلىق سانائىتى سودا چەكلىك شىركىتى، خۇا جۇڭ شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قانۇنىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىمبارگو قويغان چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن 2 يىلغىچە سودا ئالاقىسى قىلىشىغا بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ تىزىملىكىدە ئىران، سۇدان ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بولۇپ، باشقا ئەللەرنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە نازۇك تېخنىكا ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە ۋېنىزۇئېلا كارخانىلىرىغا قاراتقان ئىمبارگوسى 23 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. ئىمبارگو قويۇلغان شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە رۇسىيىنىڭ روسوبورون ئېكىسپورت شىركىتى بار بولۇپ، ئامېرىكا مەزكۇر شىركەتكە 2006 - يىلى بىر قېتىم ئىمبارگو قويغان ئىدى.
رۇسىيە شىركەتلىرى ئىراننى نازۇك تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەيدىغان نۇقتىلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا ئىراننى يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كويىدا، دەپ ئەيىپلىمەكتە، لېكىن ئىران ئامېرىكىنىڭ بايانلىرىنى رەت قىلىپ، يادرو تېخنىكىسىنى تىنچ مەقسەتلىك خەلق ئىشلىرىغا قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ئىدى.
