ئامېرىكا خىتاينىڭ سىرەك تۇپا ئىمبارگوسى بۇيىچە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.20
2010.10.20
خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ، خىتاي سىرەك تۇپا ئىكىسپورت قىلىش جەھەتتە ياپونىيىگە قويغان ئىمبارگوسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېڭەيتتى، دېگەن خەۋىرى تۈنۈگۈن نيۇيورك تايمىس گېزىتىدە بېسىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىسىتىرلىقى ئاشكارىلىغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھازىر دۇنيادا ئالىي تېخنىكىلىق نازۇك ھەربىي قورال، يانفون، كومپيۇتېر، ئاپتوموبىللارنىڭ ئېلېكترونلۇق چاتمىلىرى قاتارلىق يېڭىچە ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئالىي تېخنىكا بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان سىرەك تۇپا (يەر شارىدا كام ئۇچرايدىغان مېنېراللار) نىڭ 90% ى خىتايدىن ئىكىسپورت قىلىنىۋاتىدۇ.
ئەگەر خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن كېلىشىمگە ئەمەل قىلمسا، خەلقئارادا سىرەك تۇپا مەسىلىسى بۇيىچە جىددىي سودا ئۇرۇشى يۈز بېرىشى مۇمكىن.