سۆھبەتكە ئامېرىكا تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كىلىنتون ۋە غەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى تىموتي قاتنىشىدۇ؛ خىتاي تەرەپتىن بولسا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ چىشەن بىلەن دۆلەت كابىنت ئەزاسى دەي بىڭگو قاتنىشىدۇ.
باياناتچى چىن گاڭ مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چوڭ مەسىلىلەر ئۇستىدە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى نۆۋەتتىكى چوڭ مەسىلىلەر، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى، دالاي لامانىڭ ئاقساراينى زىيارەت قىلىشى ۋە خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش قاتارلىقلاردۇر.
بۇ سۆھبەتنىڭ تۇنجى قېتىملىقى بۇلتۇر 7 - ئايدا ئېچىلغان. ۋېن جياباۋ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ يىغىندا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى توغرا ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.