خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا پەيدا بولغان قىزىل رەقەم 226 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گەرى لوك خىتايغا، پەقەت خىتاينىڭ نەق پۇل جۇغلانمىسىنى ئازايتىش بىلەن چەتئەل ماللىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرغاندا، ئاندىن دۇنيا ئىقتىسادى تەڭپۇڭلىققا يۈزلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئەمدى بېيجىڭغا بېرىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون بىلەن بىرلىكتە خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.