بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى سايبېرسىتتېر Cybercitter يۇمشاق دېتال شىركىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىگۈزگەن 'يېشىل توسما' دېگەن يۇمشاق دېتال مەسىلىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە 7 خىتاي شىركىتىنى تېخنىكا ئوغرىلىدى دەپ سوتقا ئەيىبنامە يوللىدى. بۇ ئەرز تۈنۈگۈن لوس ئانجىلىس شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسدە ئەنگە ئېلىندى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان، ئەمما تور ئەھلى قاتتىق قارشى تۇرغان 'يېشىل سۈزگۈچ' دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ يۇمشاق دېتال، ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق دېتال شىركىتى تەرىپىدىن ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆسمۈرلەرنى نازارەت قىلىشتا قوللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئۇچۇر سۈزگۈچ يۇمشاق دېتالدىكى سىپىرلاشتۇرۇلغان شەرتلىك بەلگىلەردىن 3 مىڭ قۇردىن ئارتۇق ھەل قىلغۇچ شەرتلىك بەلگە، خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ، ئۆز پېتىچە يۆتكەپ قوللىنىپ ئىشلەنگەن. بۇنداق قىلىمىش ئامېرىكىدا باشقىلارنىڭ تېخنىكا ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان جىنايى قىلىمىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.