ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئادمېرال روبېرت ۋىللارد بىلەن خىتاي ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقى ئادمېرال ما شياۋتيەن ئامېرىكا، خىتاي ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئادمېرال روبېرت ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەردىن كۆپ ئارقىدا قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ما شياۋتيەن بولسا، جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئىشلار بويىچە ئېلىپ بارىدىغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتىن باشقا يەنە، مۇھىمى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
