ئوباما: ئامېرىكا سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرمايدۇ

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ لوس كابوستىن بايان قىلىشىچە،19 - ئىيۇن كۈنى 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، ھەممە دۆلەت سۈرىيىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بەشار ئاساد تەختتىن چۈشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ گەرچە سۈرىيىدىكى ئۇرۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما بەشار ئاسادنى تەختتىن چۈشۈرۈشنى رەت قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋلار بىلەن ئۇچراشقاندا، سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشتى. ئۇ، خىتاي بىلەن رۇسىيە سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرمايۋاتىدۇ. ئەگەر رۇسىيە ۋە خىتاي يەنىلا ب د ت ۋەكىلى كوفى ئانناننىڭ سۈرىيىدە ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسىنى ئىجرا قىلمىسا، ئەمدى ئامېرىكىمۇ، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرمايدۇ، دەپ جاكارلىدى.