ئامېرىكا-خىتاي ئالاقىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ توردا ئوغرىلىنىش ۋەقەسى تەكشۈرۈلمەكتە

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر بەزى ھۆججەتلەرنىڭ ئوغرىلىنىش ۋەقەسى، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتە نامەلۇم خاككېرلار ھىندىستان ھەربىي ئاخبارات ئورگىنى ئىگىلىگەن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەرگە دائىر بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت-ئالاقىلىرىنى قوشۇمچە ھۆججەت سۈپىتىدە، توردا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ئامېرىكا تەرەپنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

ئامېرىكا، خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىمى جوناتخان ۋېستون ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بۇ قېتىمقى خاككېرلىق ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ھازىرچە بۇ خاككېر ھۇجۇمىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ ئۆز بايانىدا توردا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى ئىنكار قىلمىدى. ھىندىستان ئەمەلدارى بولسا توردا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ راست-ياكى يالغانلىقى ھەققىدە بايانات بېرىشنى رەت قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان خاككېرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم ھەم سودا شىركەتلىرىنىڭ ئارخىپلىرىنى ئوغرىلاش ۋەقەلىرى كۆپەيگەن. بولۇپمۇ، ئۇچۇر ئامبارلىرىدىكى ھۆججەتلەر ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز-ئارا يېزىشقان ئېلېكترونلۇق خەت-ئالاقە مەزمۇنلىرىنىڭ توردا ئاشكارىلىنىش ئەھۋالى ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان.

نۆۋەتتە بۇ خاككېرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.