دوكلاتتا، 2008 -- 2009 - يىللىق دوكلات مەۋسۇمى جەريانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتلەردە دىنىي ئەركىنلىككە قارىتىلغان چەكلەش ۋە باستۇرۇشنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ھالەتنى ساقلاپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە سىياسىي مەۋقەلىرىنى تىنچ يوسۇندا ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرىنى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن باغلىشى سەۋەبلىك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە باشقا تىبەت رايونلىرىدا دىنغا ئىشەنگۈچىلەر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتە قاتتىق ئازاب چەكتى."
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ ئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ھەمدە قايتۇرۇپ كېلىنگەن بۇ خىلدىكى بەزى كىشىلەرنى تۈرمىدە قىينىغانلىقى ۋە ئېتىپ تاشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ۋە ھەجىگە بېرىش ئىشلىرىنى ئىزچىل قىيىنلاشتۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ تارقىتىدۇ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرىدۇ.