ئامېرىكا ۋە ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرىغا ئائىت كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مانېۋىر خىتايغا ئائىت ھەربىي ئايروپىلاننىڭ تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلىشىش ۋەقەسىدىن بىر قانچە كۈن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلدى.

مانېۋىرغا ئامېرىكىغا ئائىت 6 دانە FA-18 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 90 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ۋە ياپونىيىگە ئائىت 4 دانە F-4 كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە نۇرغۇنلىغان ھەربىي خادىم ئىشتىراك قىلغان. مانېۋىر ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ 4 ئارىلىنىڭ بىرى بولغان شىكوكو ئارىلىدا باشلانغان بولۇپ، 5 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

ئامېرىكا-ياپونىيە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ئورتاق مانېۋىرى، شىنزو ئابېنىڭ سېنكاكۇ مەسىلىسىدىكى قاتتىق پوزىتسىيىسى ۋە ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تېخى يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى 300 دىن ئارتۇق ھەربىي خادىم، 20 دىن ئارتۇق ھەربىي ئايروپىلان ۋە 30 دىن ئارتۇق ھەربىي ئاپتوموبىل بىرلىكتە بىر مانېۋىر ئېلىپ بارغان. بۇ مانېۋىر «دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئۇزاقتىكى ئارالنى قايتۇرۇپ ئېلىش» دەپ ئاتالغان ئىدى.