ئىككى تەرەپنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا 9 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ئارمىيە پىيادە قىسمىنىڭ گۇئام، ھاۋاي ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئوكىناۋادىكى ئامېرىكا فۇتېنما ھەربىي بازىسىنىڭ ئورنى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش بىلەن دېڭىز ئارمىيە پىيادە قىسىملىرىنى يۆتكەش مەسىلىسىنىڭ ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىنىشى، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ دىققەت نەزىرىنى تور بىخەتەرلىكى، ئالەم بوشلۇقى، ئىستىخبارات، ھەربىي رازۋېدكا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا قارىتىشىغا پايدىلىق، دېگەن.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تاناكا، مەزكۇر كېلىشىم ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنىڭ ھەيۋىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى ۋە كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ كېلىشىم خىتاي-ياپونىيە ئارىسىدا سېنكاكۇ (دياۋيۈيتەي) ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يەنە ئىختىلاپ قوزغىغان بىر مەزگىلدە ھاسىل قىلىنغان ئىدى. توكيو شەھەر باشلىقى سېنتارو سېنتارو يېقىندا دىياۋيۈيتەي ئارىلىنى سېتىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىئانە توپلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتىدا، بۇ كېلىشىم مەزكۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىدىكى ئېنىقسىزلىق كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىپ، ياپونىيىنىڭ مۇداپىئەسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.