ئامېرىكىدا خىتاي جاسۇسلىرى سوتقا تارتىلماقتا

ئامېرىكا پۇقراسى خىتاي جۇڭ دۇڭفەننىڭ جاسۇسلۇق دېلوسى 6 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ كالىفورنىيا شىتاتىنىڭ سانتا ئەنا سوتىدا بىر تەرەپ قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ھازىر ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرگە شىرىك بولغانلار دېلوسىدىن بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىغان تۇنجى دېلو.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادۋوكات كرېگ ستاپلېسنىڭ ئەيىبلىشىچە، بويىن ئايروپىلان شىركىتىدە ئايروپىلان سەپلىمىلىرىنىڭ چىداشلىق بېرىش كۈچىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بۇ 73 ياشلىق جۇڭ دۇڭفەن، 1970 - يىللىرىدا ئامېرىكا پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنىغاندىن كېيىنلا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ راكۋېل شىركىتىنىڭ سەزگۈر تېخنىكا ھۆججەتلىرىدىن 250 مىڭ بەتنى ئوغرىلاپ خىتايغا يوللاپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ يۆنۈلۈش بەلگىلەش ئانتىنا سېستىمىسى، ئالەم ئايروپىلانى ۋە دېلتا 5 بەلگىلىك راكىتاغا دائىر مەخپىيەتلىكلەر بار ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، جۇڭ دۇڭفەن 2008‏ - يىلى ئامېرىكا تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق، جاسۇسلارغا شىرىك بولۇش، خىتايغا ئاگېنت بولۇش، ئامېرىكا قانۇن خادىملىرىغا يالغان ئىسپاتلىق بېرىپ قانۇنىي رەسمىيەتلەرگە دەخلى قىلىش قاتارلىق 8 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.