ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى جۈمە كۈنى "11‏ - سېنتەبىر ۋەقەسى"نىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا ئامېرىكا يەنىلا دۇنيا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئۈمىد مەشئىلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، " گەرچە بۈگۈن ئامېرىكا ھاياتىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن پۇقرالارنى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ پۈتكۈل ئامېرىكىدا پەيدا قىلغان ئازابىنى ئۇنۇتمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا 11‏ - سېنتەبىر ھۇجۇمىنىڭ خارابىلىقىدىن قايتا دەس تۇردى" دەپ تەكىتلىگەن.

باياناتتا يەنە مۇنداق دەيدۇ": ئۇيغۇر خەلقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللايدۇ ۋە بىز دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پەقەت دىئالوگ ۋە تىنچلىق ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ ھەم ئورنىتىلىدۇ دەپ ھېسابلايمىز."

باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "11 - سېنتەبىر ۋەقەسى"دىن كېيىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ، "خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىنى مەقسەتلىك زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى "11 - سېنتەبىر ۋەقەسى"دىن كېيىن، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى تېررورچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ جاكارلىغان ھەم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلات، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا بولسا خىتاينىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ش ت ئى ھەرىكىتىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

بەزى ئانالىزچىلار ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، "بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىك،" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.