ئامېرىكىدا 11‏ - سېنتەبىر ۋەقەسى خاتىرىلەندى

جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 2001 ‏- يىلى يۈز بەرگەن 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى خاتىرىلەندى. ئامېرىكا خەلقى ئاممىۋى مۇلازىمەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، ماتەم بىلدۈرۈش، بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنى ياد ئەتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئاقسارايدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى - بەش بۇرجەكلىك بىنا ئالدىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ئۇ، بەش بۇرجەكلىك بىنا ئالدىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى 11 ‏- سېنتەبىردىكى يوقىتىشنى ھەرگىز ئۇنتۇلدۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما "دۆلىتىمىزنى قوغداش مەسىلىسىدە بىز ھەرگىز تەۋرەنمەيمىز"، " ئەل - قائىدەنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىرادىمىز ھەرگىز بوشاشمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

شۇ كۈنى نيۇ يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ خارابىسى ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە مۇئاۋىن پرېزىدېنت جوئئو بايدېن قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىسمى ئوقۇلدى. نيۇ يوركتىكى پائالىيەتكە قاتناشقان ئائىلە تاۋاباتلارنىڭ ئىچىدە 2001 ‏- يىلدىكى ۋەقەدە ئۆلگەن ئۆزبېكىستان تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر قىزى گۆھەر سېيىتنىڭ ئاتا - ئانىسى بار ئىدى.

گۆھەر سېيىت ئۆزبېكىستان تەۋەلىگىدىكى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ 90 ‏- قەۋىتىدىكى بىر رېستۇراندا ئىشلەۋاتقان.

پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ پېتىسبۇرگ ناھىيىسىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل قاتناشتى. كولىن پوۋېل 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان ئىدى. ئەينى چاغدا تېررورچىلار 4 ئايرۇپىلاننى بۇلاپ، ئايرۇپىلانلارنىڭ ئىككىسى نيۇ يوركتىكى سودا مەركىزىگە، بىرى ۋاشىنگتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىناغا ئۈسسىگەن. يەنە بىرى پېنسىلۋانىيىدىكى پېتىسگبۇرگ ئەتراپىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.