ئوباما بۇ يىللىق ئاساسىي نىشان ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش دەپ كۆرسەتتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا بىر يىل توشقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە قىلغان سۆزىدە بىر يىللىق خىزمىتى ۋە 2010 - يىللىق نىشانلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋە خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنى ئارتتۇرۇش مەسىلىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ، 2010 - يىلىدىكى بىرىنچى مۇھىم ئىش تېخىمۇ كۆپ ئىش ئىمكانى يارىتىپ، ئامېرىكىدىكى مەۋجۇت ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سۆزىدە يەنە تالاش - تارتىش تېمىسى بوپقالغان سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش قارارىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا، يادرو قوراللىرىنى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت دەپ كۆرسەتتى ۋە: "ئىران ھۆكۈمىتى يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە بىلگىنىنى قىلىشنى داۋام قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگىمۇ تەييارلىنىپ قويۇشى كېرەك" دەپ ئىراننى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەنە، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ۋە 2011 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئىراقتىكى ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىلىرىدىن ئېتىبارەن ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت