ئۇ، 2010 - يىلىدىكى بىرىنچى مۇھىم ئىش تېخىمۇ كۆپ ئىش ئىمكانى يارىتىپ، ئامېرىكىدىكى مەۋجۇت ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سۆزىدە يەنە تالاش - تارتىش تېمىسى بوپقالغان سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش قارارىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا، يادرو قوراللىرىنى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت دەپ كۆرسەتتى ۋە: "ئىران ھۆكۈمىتى يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە بىلگىنىنى قىلىشنى داۋام قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگىمۇ تەييارلىنىپ قويۇشى كېرەك" دەپ ئىراننى ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەنە، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ۋە 2011 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئىراقتىكى ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىلىرىدىن ئېتىبارەن ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.