ئامېرىكا دائىرىلىرى رۇسىيىنىڭ11 كىشىلىك جاسۇسلۇق تورىنى پاش قىلدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى تۈنۈگۈن نيۇيورك، نيۇجېرسى، بوستۇن، ۋىرجىنىيە قاتارلىق جايلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان رۇسىيىنىڭ 11 كىشىلىك جاسۇسلۇق تورىنى پاش قىلدى، ئۇنىڭ 10 ىنى قولغا ئالدى، بىرى ھازىر قاچاقتا.

بۇ رۇسىيە جاسۇسلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان كىملىك مەلۇم قىلىپ ئامېرىكىدا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان كىشىلەر. ئۇنىڭ بەزىلىرى نىكاھ ۋاستىسى ئارقىلىق ئامېرىكىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىۋنىڭ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ياخشىلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان سۆھبىتىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، ئامېرىكا - رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ياخشىلىنىۋاتقان دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تۇمان پەيدا قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر، بىردىنلا رۇسىيىدە ئەڭ چوڭ خەۋەر بولۇپ قالدى.

باش مىنىستىر ۋىلادىمېر پۇتىن بۈگۈن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ 'رۇسىيە ھېچقاچان، بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاش، باشقا ئەلنىڭ پەن - تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ كېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان ئىشنى قىلىپ باقمىدى. رۇسىيىدە ھازىرغا قەدەر تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش دەيدىغان ئاتالغۇ يوق' دېگەن.