ئۇيغۇر رايونى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان 13 ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسنىڭ خىتايغا بېرىشى چەكلەنمەكتە

ئامېرىكىدىكى جون ھوپكىن ئۇنىۋېرسىتېتى 2004-يىلى «خىتاينىڭ مۇسۇلمان چېگراسى» ناملىق بىر كىتاب نەشر قىلغان بولۇپ، بۇ كىتابتا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى تەتقىق قىلىنغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.08.22

ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ كىتابنى تەييارلاشقا ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئىشتىراك قىلغان 13 نەپەر مۇتەخەسسىس، كىتاب ئېلان قىلىنغان يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، خىتايغا بېرىشتا ۋىزا توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماقتا. 13 مۇتەخەسسىستىن بىرى بولغان ئانتروپولوگ درۇ گلادنېينىڭ ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىگە ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن رەت قىلىنغان.

جامېس مىلۋارد ۋە گاردنەر بوۋىڭدون قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرمۇ، كىتابتا ئوتتۇرىغا قويغان پەرقلىق ئىلمىي خۇلاسىلىرى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ۋىزا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۆز تەتقىقات پائالىيەتلىرىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى تېخى يېقىندىلا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن ئىشارەتلەر كۆرۈلمەكتە.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى مەزكۇر چەكلىمە توغرىسىدا، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن مەلۇمات سورىغان.

ئەلچىخانا سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئاندىي لەين، مەزكۇر ۋەقەنىڭ تېخى رەسمىي مەنبەلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەزكۇر خەۋەرنى ئۇقۇپ بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.