ئۈرۈمچىدە ئانا - بالىلار نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەردى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشقا ئالاقىدار 1434 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. بۈگۈن يەنى 7 ‏ - ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا، 300 گە يېقىن ئاياللار ۋە بالىلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئات بەيگە رايونىغا يىغىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان بالىلىرى ۋە يولداشلىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.07.07
Urumchide-ana-balilar-namayishi-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪﺕ 4 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ، 300 ﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺕ ﺑﻪﻳﮕﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.
AFP Photo

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان Telegraph خەۋەرلىرىدە ( 45 مىنۇت بۇرۇن) بايان قىلىنىشىچە، ئاياللار قوللىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نوپۇس دەپتىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، چەتئەل مۇخبىرىلىرىنى ئايلاندۇرۇۋاتقان رايونلۇق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قورشىۋالغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

نارزىلىق بىلدۈرگىچى ئاياللار ئەتراپتىكى چەتەل مۇخبىرلىرىغا دەردىنى ئېيتىپ، يولدىشى ۋە بالىلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

بۇ جەرياندا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى يېتىپ كېلىپ، ئاياللارنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرىغان. ئايللار " بالامنى قويۇپ بەر" يولدۇشۇمنى قويۇپ بەر" دەپ يىغلاپ ۋە ۋارىراپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بىر نەپەر ئايال پۇتىدىكى ئايىغىنى چىقىرىپ خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئاتقان. ساقچىلار ئاپشاركىلىرى بىلەن بۇ ئايالنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنغان.

بۇ چاغدا، نەق مەيداننى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرىغا خىتاي ساقچىلىرى: " نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر يېزىشقا ئالدىرايسىلەر؟ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تۈنۈگۈن 100 خەنزۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىۋەتكەندە خەۋەر قىلمايسىلەر؟ " دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاي تەرەپ ئۆلدى دەپ ئېلان قىلغان 156 كىشىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى؛ ئەمما ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە ۋەھىمە پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۆلگۈچىلەرنىڭ مىللەت تەركىۋىنى بايان قىلمىغانلىقى بىلىنمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.