پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئانا تىل ھەققىدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان، ئارقىدىن سادىر پالۋان قوشاقلىرى قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنى يادلاپ ئەجدادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلىگەن. پائالىيەتتە، يەنە بالىلار، ياشلار ۋە چوڭلار گۇرۇپپىسى بويىچە مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن.
1999-يىلى ب د ت، 21-فېۋرال كۈنىنى خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈن، 1952-يىلى بېنگالدا ئانا تىل ھەرىكىتى باشلانغان كۈندۇر. شۇ يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئوردۇ تىلىنى بىردىن- بىر دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىپ، باشقا تىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغاچقا، بېنگالدىكى داكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 21-فېۋرال كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بېنگال تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
پاكىستان ساقچىلىرى نامايىشتا ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللىنىپ ئىككى بېنگاللىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان. شۇ كۈنى باشلانغان بېنگاللىقلارنىڭ ئانا تىل ھەرىكىتى، ئاخىرى پاكىستاننىڭ پارچىلىنىشى ۋە بېنگال دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمىنى خاتىرىلەشنى، ھەر يىللىق مىللىي پائالىيەتلىرىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە.