بېرمىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئان سان سۇ كيى ئۆتكەن 24 يىلدىن بۇيان نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئازادلىققا ئېرىشكەن ۋە بۇ يىل ئۇنىڭ پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ بېرما پارلامېنتىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىدى.
سۇ كيى نۇتقىدا مۇنداق دېدى: مۇتلەق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ھازىر بىز ياشاۋاتقان دۇنيادا يەتكىلى بولمايدىغان غايىدەك قىلىدۇ، ئەمما بىز چوقۇم خۇددى چۆلدىكى سەيياھ چولپان يۇلتۇزىنى بەلگە قىلىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغانغا ئوخشاش شۇ غايىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
سۇ كيى 1988 - يىلى جەنۋەدە ب د ت خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتقاندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن ئىدى.