ب د ت خىتاينى روھىي كېسەلگە گىرىپدار بولغان ئەنگىلىيىلىك ئەتكەسچىنى ئۆلتۈرمەسلىككە چاقىردى

ب د ت نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى روھىي كېسەلگە گرىپدار بولغان ئەنگىلىيىلىك زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى ئاكمال شەيخنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجىرا قىلماسلىققا چاقىردى.

ب د ت نىڭ قانۇنسىز ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دەرىجىلىك تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى فىلىپ ئالستون پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي روھىي كېسەلگە گرىپتار بولغان بىر كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلسا "بۇ خىتاينىڭ زور قەدەم بىلەن كەينىگە چېكىنگەنلىكىدۇر" دېگەن.

فىلىپ ئالستون يەنە، "خىتايدا ۋە خەلقئارا قانۇندا روھىي كېسەللىككە گىرىپدار بولغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولمايدىغانلىقىغا ئائىت ناھايىتى ئېنىق بەلگىلىمىلەر بارلىقى"نى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 53 ياشلاردىكى ئاكمال شەيخ ئەنگىلىيە پۇقراسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇ 2008 ‏- يىلى 4 كىلوگرام خېروئىننى چامىدانغا قاچىلاپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغاندا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئەنگىلىيە دۈشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاكمالغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى پات ئارىدا ئىجرا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون براۋىن، ئاكمالنىڭ روھىي كېسەللىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاينى ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۈندىگەن. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاكمالغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ توغرا بولغانلىقىدا چىڭ تۇرماقتا.