ئۆكتىچى رەھبەر ئاڭساڭ سۇكى بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئىجابىي قەدەملىرىنى مەدھىيىلىدى

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، بېرمىلىق ئۆكتىچى رەھبەر ئاڭساڭ سۇكى بۈگۈن 100دىن ئارتۇق مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىدە يېقىندىن بۇيان باسقان بىر قىسىم ئىجابىي قەدەملىرىگە مەدھىيە ئوقۇدى، ئەمما ئۇ بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك يەنە كۆپلىگەن ئىشلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.11.14

بېرما ھەربىي دائىرىلىرى 1962-يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان، 2007-يىلى ئۆكتەبىردە تۇنجى قېتىم ئومۇمىي سايلام ئېلىپ بارغان. سايلامدا ھەربىي دائىرىلەر قوللايدىغان پارتىيە ئۈستۈنلۈك قازانغاچقا، سايلامنىڭ ئادىللىقىغا گۇمان چۈشكەن ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ئۈمىدسىز نەزەردە قارىلىپ كەلگەن ئىدى.

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى، بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا قارىتا كونترولنى بوشىتىشى، بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تەستىقلاپ قانۇنىيلاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ خىتاي مەبلەغ سالغان سۇ ئېلېكتر قۇرۇلۇشىنىڭ توختىتىلىشى، بېرما خەلقىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتكە بولغان قارىشىدا بۇرۇلۇش پەيدا قىلىشقا باشلىغان.

ئاڭساڭ سۇكى بۈگۈنكى سۆزىدە، سىياسىي مەھبۇسلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى بېرمىدا نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر قاتارىدا تىلغا ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 2000 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇس جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. بېرمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كاچىنلار، مىللىي مۇستەقىللىق تەلىپىنى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلىدە نامايان قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.