بىرمالىق ئاڭسەن سۇجى خانىم ‏1981-يىلى ئېرىشكەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغىلى نورۋېگىيىگە ماڭدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۋەدىن بايان قىلىشىچە، بىرمىدا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ئۈچۈن ئۇزۇن يىل كۈرەش قىلىپ، ئاخىر 66 يېشىدا سايلام ئارقىلىق بىرما پارلامېنتىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئاڭسەن سۇجى خانىم بۈگۈن، بارمىغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان ياۋروپانى قايتىدىن زىيارەت قىلغىلى ماڭدى.

ئۇ، جۈمە كۈنى نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىگە بېرىپ، ‏1981-يىلى ئېرىشكە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئاڭسەن سۇجى خانىم بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا يەنە شۋېتسارىيىدە، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، ئەنگلىيىنىڭ ئىككى پالاتاسىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە ئىرېلاندىيىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.