26-ئاۋغۇست قاتناش قازاسى يولۇچىلاردا كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارغا قارىتا ۋەھىمىنى كۈچەيتتى

26-ئاۋغۇست شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئاپتوموبىل قازاسىدا كارىۋاتلىق ئاپتوبۇستىكى 39 نەپەر يولۇچىدىن 36 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، خىتايدىكى يولۇچىلاردا قاتناش بىخەتەرلىكىگە بولغان ۋەھىمىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.08.31

خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن كېيىن خىتايدىكى كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ بېلىتى كاساتلاشقان. يەرلىك قاتناش ئىدارىلىرى يولۇچىلارغا كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن يولۇچىلار پويىز بېلىتى ياكى يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇس بېلىتى ئېلىشنى قارار قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان شەھەرلىرىدە، بىخەتەرلىك تەكىتلىنىپ، كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنى ئىشلىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئەمما دائىرىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ يەنە 5 يىلدىن 8 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلار 1500 بولۇپ، بۇ سان شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئىشلىتىلىۋاتقان كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلاردىن 900، نامرات ئۆلكە دەپ قارالغان گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلاردىن 800 ئى كۆپ ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.