كىتابتا خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئاراغا قىلغان ياردەملىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئۇ دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ ياردەملەردە ھېچقانداق بىر سىياسىي مەقسىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلىۋاتقان ياردەملىرى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن سىياسىي مەقسەتلىك دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.
ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيادىكى ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە جەمئىي 256 مىليارد يۈەن يەنى 39 مىليارد دوللار ياردەم قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىنتايىن ئاز بىر رەقەم بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 2009-يىلىنىڭ ئۆزىدە قىلغان ياردىمىلا 29 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئوخشاش يىلى خىتاينىڭ قىلغان ياردىمى بولسا ئاران 3 مىليارد دوللار ئىكەن.
ئەمما خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەكسىچە، خىتاي داۋاملىق ھالدا دىكتاتور ۋە چىرىكلەشكەن ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنى يۆلەپ كەلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان.
ئەمما خىتاي دائىرىلىرى قىلىۋاتقان ياردەملىرىگە ھېچقانداق نىيەت-مەقسەتنىڭ يوشۇرۇنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كىتابتىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر نۇقتا بولدى.