ئاقچىدىكى يەر تەۋرەشتە 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.04.21
2009.04.21
گەرچە، ئاپەتتە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولغاچقا چېدىرلارغا كۆچۈرۈلگەن.
بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 3200 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ئۆيلىرى بۇزۇلغان بولۇپ، ئارىسىدا 39 ئائىلىنىڭ 78 ئېغىز ئۆيى پۈتۈنلەي ئۆرۈلگەن، 330 ئائىلىلىكنىڭ 700 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆيلىرى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، قالغانلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇش، ئۆرۈلۈش ۋە دەز كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ خەتەرلىك ئۆيلەرگە ئايلانغان.
خىتاي دائىرىلىرى گەرچە 2004 - يىلىدىن 2008 - يىلنىڭ ئاخىرغىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەش رايونلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان چارۋىچىلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، يېقىنقى بىر ئىككى يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردە يەنىلا ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈش ئەھۋاللىرى ئومۈميۈزلۈك كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئاپەتتە ئۇچرىغان زىيانلىرى ئېغىر بولۇپ كەلمەكتە.