«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 17 - ئىيۇلدىن 23 - ئاۋغۇستقىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىپ پۇل تېپىشقا كەلگەن خىتاي ئاققۇنلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
خەۋەر قىلىشىچە، پەقەت 23 - ئاۋغۇستلا خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن 2 مىڭ ئىشچى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىغا كىرگەن.
خەۋەردە بۇلارنىڭ بۇ يىللىق پاختا تېرىش دولقۇنى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن ئىشچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ كېيىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىدىغان ياكى قايتمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن.
خىتاي يەرلىك دائىر ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ كەملىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر دېھقان ئوغۇل - قىزلىرىنى خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەشنى تېخىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىدى.