مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە 100 پويىز ئاققۇن ئىشچى يۆتكىلىدىكەن.
بۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى تۈركۈمى كېلىشكە باشلىغان خىتاي ئاققۇن ئىشچىلىرىدۇر.
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇئەن ئەمەلدارى ۋاڭ ۋېي، نامايىشتىن كىيىن ئۇيغۇر ئېلىدە، ياڭيۇ يىغىدىغان ئىشچىلارنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: " كۆپلىگەن ئاققۇن ئىشچىلار كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ" دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ كەملىكىنى كۆرسىتىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ كەلمەكتە ئىدى. مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلىپلا قالماي، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.
26 - ئىيۇن شاۋگۇئەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارنى خىتايلار توپلىشىپ ئۇرغان ۋە ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. نەتىجىدە، مەزكۇر ۋەقە 5 - ئىيۇلدىكى "ئۈرۈمچى ۋەقەسى