فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت گىببس، ئامېرىكا - شىمالىي كورىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش پەقەت شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش - قىلماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاقساراينىڭ مەزكۇر باياناتى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون شىمالىي كورىيىگە بېرىپ، مەزكۇر دۆلەتتە تۈرمىگە تاشلانغان ئىككى نەپەر ئامېرىكا مۇخبىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ كەلگىنىدىن كېيىن مەيدان كەلدى.
شىمالىي كورىيىنىڭ 5 ئايدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىككى نەپەر ئامېرىكا مۇخبىرىنى قويۇپ بېرىشى، ئامېرىكا - شىمالىي كورىيە مۇناسىۋەتلىرى شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان تېخىمۇ جىددىيلەشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.