ئاقساراينىڭ ئاشكارا تور بېكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بىلدۈرۈشىچە،ئاقساراينىڭ ھەربىي ئىشلار تور بېكىتى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئاقساراي باياناتچىسى جاي كارنېي مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خاككېرلارنىڭ ئاقساراينىڭ ئاشكارا تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى،تور بېكىتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە ھەرقانداق ماتېرىيالنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ۋاشىنگتون ئەركىن ماياكى» گېزىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە،«ئاقساراي ھەربىي ئىشلار ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان خاككېرلار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ تور بېكەتلىرى ئۈزلۈكسىز نامەلۇم خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇ خىل ھۇجۇملارغا قارىتا تەدبىر قوللانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي تەرەپ بولسا بۇ خاككېرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا.